ئاۋسترالىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان پۇتبول كوماندىسى بۇ يىللىق نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلىدى

ئاۋسترالىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان پۇتبول كۇلۇبى بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يىللىق خۇلاسە يىغىنى ۋە مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن تەشكىللەنگەن شەرقىي تۈركىستان پۇتبول كۇلۇبى بۇندىن بۇرۇنقى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئادېلەيد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە شەھەردىكى باشقا كۇلۇبلار بىلەن جەمئىي 22 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشكەن. بۇ جەرياندا كۇلۇبتىكى ماھىرلارنىڭ ئىپادىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان.

تۈنۈگۈن ئادېلەيد شەھىرىكى يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مەزكۇر كۇلۇبنىڭ يىللىق خۇلاسە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىلىشتا كۇلۇبنىڭ بۇ پەسىلدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى خۇلاسە قىلىنغاندىن سىرت، كۇلۇبتىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان ماھىرلار مۇكاپاتلاندى.

ئاۋسترالىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان پۇتبول كۇلۇبى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىگە تەۋە بولۇپ، ئون يىلدىن بېرى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشى بىلەن تۈرلۈك مۇسابىقە ۋە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 826 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2021 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق