پۈتۈن دۇنيا جىنايەتچى

پۈتۈن دۇنيا جىنايەتچى

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ياكى رەسمىي ئىسمى بىلەن 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2022-يىلى 4-فېۋرالدىن 20- فېۋرالغىچە خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى. بۇ پائالىيەت خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلاندى. نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ پائالىيەتنى قوللىدى.

ئەمما مەن بۇ ئولىمپىكقا قەتئىي قارشى تۇرىمەن. چۈنكى كوممۇنىست خىتاي بىر تېررور دۆلىتىدۇر، قانۇنسىز بىر رېجىمدۇر. شەرقىي تۈركىستان 72 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدە بولۇپ، يېقىنقى ئالتە يىلدىن بېرى خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا قاتارلىق يەتتە دۆلەت خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە جاكارلىدى.

ئەسلىدە بارلىق دۆلەتلەر 2008-يىلى خاتالىق ئۆتكۈزدى، يەنى 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى خىتايغا بەردى. ئۇ ۋاقىتتا بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار پۈتۈن دۇنياغا بۇنداق قىلىشنىڭ ناھايىتى چوڭ خاتالىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتۇق، ئەمما دۇنيا چۈشەنمىدى، ئاۋازىمىزنى ئاڭلىمىغان، بىلمىگەن بولۇۋالدى. مەن 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىستانبۇل گالاتا كۆۋرۈكىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئولىمپىك مەشئىلىگە ھۇجۇم قىلدىم. ئەمما دۇنيا بۇ ئەھۋالغا كۆز يۇمدى، بىلمەس بولۇۋالدى، پەرۋا قىلمىدى.

ئولىمپىك بېيجىڭدا باشلانغان 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمگە بېنزىن چېچىپ ئوت قويدۇم، يەنى ئۆزۈمنى مەشئەل قىلىپ ياقتىم. باشقىچە ئېيتقاندا بىر كۈندە بىرى بېيجىڭدا، يەنە بىرى خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا بولۇپ، ئىككى ئولىمپىك مەشئىلى يېقىلدى. بۇ مەيداندا نەق مەيدان تارقىتىۋاتقان نۇرغۇنلىغان چەت ئەل قاناللىرى ۋە ئونلىغان يەرلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرى بار ئىدى. بەكمۇ ئەپسۇسكى، ئۇ ئولىمپىكنى ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە ئېتىپمۇ توسۇپ قالالمىدۇق. بۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارىدىن 13 يىل ئۆتۈپ يەنە خىتايغا بېرىلدى. نومۇس، نومۇس، نومۇس! ھەممىڭلارغا لەنەت بولسۇن!

مەن بۇ يەردە كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، شۇنداق رەھىمسىز، رەزىل ۋە ئوچۇق-ئاشكارا تېررورلۇق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتايغا يانتاياق بولغان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە رەھبەرلىرى باشتا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى، رەھبەرلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن ھەمدە: «خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىغان بارلىق دۆلەتلەر ۋە رەھبەرلەر! سىلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان خىتاينىڭ قولچوماقلىرى ۋە غالچىلىرى، سىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولدۇڭلار!» دەيمەن.

سىلەرگە لەنەت، ئادىمىيلىكىڭلارغا لەنەت!

ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان!

يوقالسۇن تاجاۋۇزچى، ئىشغالىيەتچى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچى خىتاي ۋە غالچىلىرى!

دۇنيا تارىخى بۇنداق يېزىلماسلىقى كېرەك!

 

2021-يىلى 24-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل

بۇ خەۋەر 1876 قېتىم كۆرۈلدى
27/10/2021 17:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق