ھىندىستانلىق ئۆلىمالاردىن بىر ھەيئەت ش ت ئۆلىمالار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە تەسىرى كۈچلۈك ئۆلىما مەۋلانە سەلمان ھۈسەيىن نەدەۋىينىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 28-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەتنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەزالىرى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قاتارلىق تەشكىلات ۋەكىللىرى كۈتۈۋالدى.

زىيارەت داۋامىدا مەۋلانە سەلمان ھۈسەيىن نەدەۋىيگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنغا چەكلىمە قويۇش، مەسچىتلەرنى چېقىش، ئۆلىمالارنى ئۆلتۈرۈش، تۈرمىگە تاشلاش، مۇسۇلمانلارنى دىندىن چىقىشقا مەجبۇرلاش، قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى قانداق تەدبىر قوللىنىش، ئىسلام دۇنياسى بۇ جەھەتتە نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئاخىرىدا مەۋلانە سەلمان ھۈسەيىن نەدەۋىيگە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە دىنىي باستۇرۇشلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئىنگلىزچە، ئەرەبچە دوكلات سۇنۇلدى.

بۇ خەۋەر 1018 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2021 11:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق