قازاقىستاندا يەنە بىر قېتىملىق خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش ۋەقەسى ئاشكارىلاندى

قازاقىستاندا يەنە بىر قېتىملىق خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش ۋەقەسى ئاشكارىلاندى

ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇندىن نەچچە ئاي بۇرۇن يۈز بەرگەن خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاشكارىلىغان.
بۇ يىل 19-فېۋرالدا قازاقىستان جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قىسمى ئالمۇتادىكى بىر تۇرالغۇغا بېسىپ كىرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى قولغا ئالغان ۋە ئۇنى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قاتتىق مەخپىيەتلىك ھېسابلىنىدىغان بۇ ۋەقەنى تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىۋەتكەن.
قولغا ئېلىنغۇچى كونستانتىن سىرويېزكىن سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئالاھىدە خادىم بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، كېيىن قازاقىستان-خىتاي مۇناسىۋىتى ئالىي مەسلىھەتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا خىتايدىن پارا ئېلىپ، ئۇلارنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلىگەن.
خىتاي يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، پۇل، ماددىي بۇيۇم ۋە ھەقسىز ساياھەت قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كىشىلەرنى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىشقا قىزىقتۇرغان. قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق جاسۇسلۇق ۋەقەسىنى ئاشكارىلىۋېتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئۆز بېشىمچىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكچى بولغان.

مەنبە:http://news.creaders.net/china/2019/07/10/2111899.html

بۇ خەۋەر 1397 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2019 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق