مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى ش ت ت ب نى زىيارەت قىلدى

مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى، ئىسلام بىرلىكى ۋە مالايشىيا ئاكادېمىيەسى مەرىپەت تەشكىلاتى (WADAH) نىڭ رەئىسى  پروفېسسور ئەھمەد ئەززەم ئابدۇراھمان يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 30-ئۆكتەبىر خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

پروفېسسورنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان، ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ مۇدىرى لوقمانجان، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى كۈتۈۋالدى.

زىيارەت جەريانىدا پروفېسسورغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە، ھەمدە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جىنايى قىلمىشلىرى تونۇشتۇرۇلدى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھەمدە تۈركىيەدىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە ئومۇمى مەلۇمات بېرىلدى.

زىيارەت جەريانىدا يەنە، نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىدا دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسلار ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلىش چارىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى، شۇنداقلا بۇ مەسىلىلەردە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش تېمىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

بۇ خەۋەر 1282 قېتىم كۆرۈلدى
30/10/2021 21:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق