كۆك ئاي جەمئىيىتى قىشلىق ياردەم تارقاتتى

تۈركىيەدە خەلقىمىز ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كۆك ئاي ئىنسانى ياردەم جەمئىيىتى 31-ئۆكتەبىر ئېھتىياجلىق قېرىنداشلىرىمىزغا يېمەكلىك ۋە قىشلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەردى.

كۆك ئاي جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى تۈركىيەدىكى ياردەمگە ئېھتىياجلىق مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. خەلقىمىزگە تېخىمۇ ئەتراپلىق خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە، خەلقئارادىكى ئىنسانىي ياردەم جەمئىيەتلىرى ۋە ۋەخپىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنى جانلاندۇردى. ساخاۋەتچى بايلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، خەلقىمىز ئىچىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

جەمئىيەت 31-ئۆكتەبىر يەنە، 300 لىرا قىممىتىدىكى 50 يەشىك يېمەكلىك ۋە 500 دانە قىشلىق ئەدىيالنى ئېھتىياجى بار ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بەردى.

بۇ خەۋەر 1034 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2021 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق