ئىستانبۇلدا «تەھلىل ۋە كەلگۈسىگە نەزەر» تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى

بۈگۈن ئىستانبۇلدا «تەھلىل ۋە كەلگۈسىگە نەزەر» تېمىسىدا، خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرى مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى ئېچىلدى.

پائالىيەتنى خەلقئارالىق ۋاپا ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات مۇناسىۋەتلىرى باش ئىدارىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنغا خەلقئارا ئىنسانىي ياردەم جەمئىيەتلىرى ئىشتىراك قىلغان.

يىغىنغا ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىغىنغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە بىرلىكنىڭ ئەزاسى كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى ئىشتىراك قىلغان.

يىغىندا، ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، ئىنسانىي ياردەمگە بولغان ئېھتىياج، نۆۋەتتىكى ئىنسانىي ياردەم ئېھتىياجىنىڭ قامدىلىش ئەھۋالى، ئىنسانىي ياردەم مەبلىغىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، ھەمدە كەلگۈسى تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. ئۇندىن باشقا، ئىنسانىي ياردەمگە بولغان ئېھتىياجنى تولۇق قامداش ئۈچۈن، قانداق خىزمەتلەرنى قىلىش مەسىلىسىدە خىزمەت پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ خەۋەر 1097 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2021 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق