ئىسلام قۇتقۇزۇش خەيرى-ساخاۋەت جەمئىيىتىدىن بىر ھەيئەت ش ت ت ب نى زىيارەت قىلدى

ئىسلام قۇتقۇزۇش ساخاۋەت جەمئىيىتىنىڭ كانادا شۆبە رەئىسى مۇھەممەد ئىجاز تاھىرنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

مېھمانلارنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان جەمئىيەتنىڭ كۆچۈكچەكمەجە شۆبە ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋاسىتە تاللىماي باستۇرۇپ، قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى، بارلىق ئىبادەتلەرنى چەكلىگەنلىكى، مەسچىتلەرنى چېقىپ، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈپ، خەلقنى دىندىن يېنىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسى ۋە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى، شۇنداقلا خەلقئارالىق پائالىيەتلەردە ئۆز- ئارا قوللاش، ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

ئاخىرىدا ھەيئەتكە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بويۇم ھەدىيە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 983 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2021 16:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق