خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئامېرىكىغا تەھدىت ئېلىپ كەلدى

خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئامېرىكىغا تەھدىت ئېلىپ كەلدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 9-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ بىر سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ئالاھىدە خادىملىرى بىلەن يوشۇرۇن ئالاقىدە بولغانلىقى ئۈچۈن 40 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 63 ياشلىق كەندىس مارى كىلېيبورن 2007-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئالاھىدە خادىملىرى بىلەن يوشۇرۇن ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى خىتاي تەرەپكە تەمىنلەپ بەرگەن. بۇ ماتېرىياللار ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسىدىن تارتىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگىچە تۇتىشىدىكەن.
كىلېيبورن ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مەمۇرىي ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. ئۇ بۇ جەرياندا پارا ئېلىش بەدىلىگە خىتاي ئالاھىدە خادىملىرىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلىگەن.
ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەلدارلىرى خىتاي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ئايلانغان بولۇپ، ئامېرىكىغا يېڭى بىر تەھدىت شەكىللەندۈرگەن.
بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارى كېۋىن مالورىي خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن، 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئوخشاشلا 5-ئايدا ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارى لى جېنچېڭمۇ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان بولۇپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1133 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2019 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق