ئىستىقلال ھەرقايسى دۆلەت ئەلچىخانىلىرى ۋە پارتىيەلەرگە قەرەللىك دوكلات يوللاشقا باشلىدى

12 يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا ئۇلارنى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش، مەنىۋى جەھەتتىن يۈكسەلتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋە يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق پۈتۈن كۈچى بىلەن جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي رېجىمىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى، بارلىق رەزىللىكلىرىنى ئىشەنچلىك دەلىل ئىسپاتلار ئاساسىدا دۇنياغا ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان ئىستىقلال تېلېۋىزىيەمىز 2019-يىل رەسمىي يوسۇندا «شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى» نامى بىلەن تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن ۋە سىستېمىلاشقان ھالدا ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە تۆت خىل تىلدا يازما خەۋەرلەر، ماقالىلەر ۋە سەرخىل تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى سۇنۇپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ھەر ھەپتىدە ئۈچ خىل تىلدا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئەڭ مۇھىم خەۋەرلەر مەجمۇئەسىنى ئېلېكتىرونلۇق ژۇرنال سۈپىتىدە تارقاتماقتا ۋە تۆت خىل تىلدا ئايلىق ژۇرنال تەييارلاپ، تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئابۇنىتلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە.

جەمئىيىتىمىز بۇ ئايدىن ئېتىبارەن بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ھەپتىلىك تور گېزىتى ۋە ئايلىق ژۇرناللىرىمىزنى تۈركىيەدىكى بارلىق پارتىيە، ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە ئالاقىدار تەشكىلاتلارغا، شۇنداقلا تۈركىيەدىكى 130 دىن ئارتۇق چەت ئەل ئەلچىخانىسىغا قەرەللىك يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى يولىدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزنى ھەرجەھەتتىن قوللاپ بېرىشىنى ۋە ئاۋازىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يېتىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇ خەۋەر 1249 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2021 13:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق