سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى ئەزالىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ ھەرقايسى ئورگان ۋە تارماقلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان مەسئۇللار ۋە ئەزالار 7-نويابىر ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى زالىدا بىر يەرگە جەم بولدى.

يىغىلىشقا ۋەقفىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى، نازارەتچىلىرى، تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە كونيا، كاستامونۇ، قەھرىمانماراش شۆبىلىرىنىڭ رەئىسلىرىدىن بولۇپ 70 كە يېقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىلىشتا ئەزالار ئۆزئارا تونۇشۇپ پىكىر ئالماشتۇردى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، بىرلىككە ئەزا تەشكىلات ئەزالىرى، تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى يىغىندا سۆز قىلىپ ئۆتتى.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، كونيا، قەھرىمانماراش ۋە كاستامونۇ شەھەرلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا پۈتۈن شەھەرلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇشقا يېتەكلەش، ياردەم قىلىش، ئوقۇشقا كىرىشىگە ياردەم قىلىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ۋەقفىنىڭ ئىستانبۇل ۋە كونيادا تەسىس قىلغان ئالتە تەلىم-تەربىيە مەركىزى بار بولۇپ، يەسلىدىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە بولغان بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

بۇ خەۋەر 967 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2021 20:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق