د ئۇ ق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چېخ پايتەختىدە ئېچىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 11-نويابىر چېخ پايتەختى پىراگا شەھىرىدە ئېچىلدى.

ئومۇمىي يىغىنغا تۈركىيەدىن تەكلىپكە بىنائەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئىشتىراك قىلدى. قۇرۇلتايغا قاتناشماقچى بولغان 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋە تەكلىپلىك مېھمانلار 11-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن پىراگا شەھىرىدىكى گىراندىئور مېھمانخانىسىغا جەم بولدى.

يېغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن رەسمىي باشلانغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، تۈركىيەدىن بارغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، ئادۋوكات ئىلياس دوغان، چېخ پارلامېنتىدىن بىر نەچچە كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى، تەشكىلات رەھبەرلىرى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا، شۇنداقلا خىتاينىڭ تېررور سىياسىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقىغا ۋەسىلە بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن بىرگە، «ئۇيغۇر ئاۋازى رەسىم كۆرگەزمىسى»، «ئۇيغۇر ئاۋازى كىتاب يەرمەنكىسى» قاتارلىق پائالىيەتلەر تەشكىللەنگەن.

بۇ خەۋەر 1217 قېتىم كۆرۈلدى
12/11/2021 12:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق