د ئۇ ق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چېختا داۋاملاشماقتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چېخ پايتەختى پىراگا شەھىرىدىكى گىراندىئور مېھمانخانىسىدا داۋاملاشماقتا.

11-نويابىر باشلانغان قۇرۇلتايدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل، فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى فرىدېرك دوما، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ماركىتا گىرىگورىۋا، كانادا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى سامىر زۇبەيرى، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئۈمىد ياردىم قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

ئومۇمىي يىغىنغا تۈركىيەدىن تەكلىپكە بىنائەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئىشتىراك قىلدى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تۈنۈگۈن قۇرۇلتايدا سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلىدى. ئۇ نۇتۇقىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا خىتايغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىش ئۈچۈن قانداق ۋاسىتىنى ئىشقا سېلىشىدىن قەتئىينەزەر، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىردىنبىر تاللىشى بولغان مۇستەقىللىق مەيدانىدىن يانمايدىغانلىقى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ ب د ت دا بېكىتىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆلچىمىگە چۈشىدىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، خىتاي جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەمدى يوشۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قۇرۇلتاينىڭ ئىككىنچى كۈنى جازا لاگېرلىرى شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ پاكىتلىرى، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش مەسىلىسى، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى خىرىس ۋە تەھدىتلىرى قاتارلىق تېمىلار مۇھاكىمە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 984 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2021 19:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق