تۈركىيەدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش كۈنى ئالاھىدە خاتىرىلەندى

1933-يىلى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى 12-نويابىر ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزى زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

جۇمھۇرىيەت كۈنى ۋە شېھىتلەرنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى. كۈلتۈر مەركىزى زالىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان سۈرەت كۆرگەزمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

پائالىيەت ئالدى بىلەن ئابدۇجېلىل قارىمنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. تۈركىيە دۆلەت مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى قويۇلغاندىن كېيىن، تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ سۆزىدە ھەر يىلى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش كۈنىنى خاتىرىلەشتىكى مەقسەتنىڭ ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇپ چىققان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرغان رەھبەرلەر، مۇجاھىدلارنىڭ روھىنى ئۆرنەك قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىللىققا ئېرىشتۈرۈش روھىنى تىكلەش ئىكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىلىشتا ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى جۇمھۇرىيەت كۈنى ئۈچۈن تەييارلىغان قىسقا فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە سائادەت پارتىيەسى رەئىسى تەمەل قارامئوغلى، يېڭى رەفاھ پارتىيەسى رەئىسى فاتىھ ئەربەقان قاتارلىقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى ئۈچۈن ئەۋەتكەن تەبرىكنامىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

ئارقىدىن تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان سابىت داموللام بىلەن ئېلىخان تۆرىنىڭ رولىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ كۈرەش تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.

يېڭى رەفاھ پارتىيەسى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىسمايىل چەلەبى سۆز قىلىپ: «نېمە ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارغا ئاۋاز چىقارمايدۇ؟» دەپ سوئال قويدى ۋە تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئىيى پارتىيەسى تۈرك دۇنياسى مەسىلىلىرى مەسئۇلى نۇرجاھان ھاستەدىئوغلى خانىم سۆز قىلىپ، ئىيى پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل ۋە پارتىيە مەركىزىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىشخانىسى بارلىقىنى، ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، يېقىندىن بېرى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلىشالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كېلەچەك پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئوغۇرئاۋنى باشارىرمۇ سۆز قىلىپ، پەلەستىن ۋە باشقا يەردىكى زۇلۇملارغا قارشى ئاۋاز چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇغان دۆلەت ۋە تاراتقۇلارنى ئەيىبلىدى. ئۇندىن باشقا ھۆر دەۋا پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شارافەددىن گۈلەي، يەسەۋىي ئالپەرەنلەر ۋەقفى رەئىسى كۈرشات مىجان، ژۇرنالىست گۈڭگۈر ياۋۇز ئارسلان قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ باش ئەگمەي داۋام قىلىۋاتقان مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ماختىدى ۋە ئىلھام بەردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە ئىزناكلىرى قادالغان ھەربىي فورمىلارنى كىيگەن سۇتۇق بۇغراخان ئوغۇللار كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئەسكەرلەرنىڭ پاراتتىن ئۆتۈش نومۇرىنى ئورۇندىدى.

پاراتتىن كېيىن قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە ئالدى-كەينىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنى تونۇشتۇردى. بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن گۇرۇپپىلارنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق قۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ قۇرئان كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت گېربى ۋە بايرىقىنى تونۇشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ نىشانىنى نامايان قىلدى.

سۇتۇق بۇغراخان قىزلار قۇرئان كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرى ۋەتەن سۆيگۈسى ھەققىدە شېئىرى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئارقىدىن يەتتە قىز ئوقۇغۇچى يەتتە خىل تىلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلىدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار 1944-يىلى قۇرۇلغان ئىككىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا قارشى قوزغالغان مۇجاھىدلارنىڭ ئاددىي قوراللىرى بىلەن خىتاينىڭ، شۇنداقلا رۇسلارنىڭ مۇنتىزىم قوشۇنىغا قارشى تېنىنى قالقان قىلىپ، قىسقا ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ كۈچىدىن قورقماسلىقى كېرەكلىكىنى، خىتاينى چوقۇم مەغلۇپ قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىدىن ئىبراھىم سىدىق «ئەر ئەمەس» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان «ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا ياشلارنىڭ رولى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ ياش ساھابىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى، شۇنداقلا ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقان ياشلارنىڭ ھاياتىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق، نۆۋەتتىكى ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىدىكى ۋەزىپىلىرىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن يېقىندا ئۇيۇشتۇرغان كوچا زىيارىتى قىسقا فىلىم ئىشلەش مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر مۇكاپاتلاندى. مۇسابىقىدە بىرىنچى دەرىجىلىككە ئېرىشكەن ئۆمەر فەرۇق ئارسلان 5000 لىرا مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى.

پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا شېھىت بولغانلارنىڭ كاتتا ئەجىرگە ئېرىشكەنلىكىنى، بۇ يولدا خائىنلىق قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتتە ئازابقا، دۇنيادا خارلىققا قالىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ يولدا ئۈمىدۋار بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە يەنە تۈرك ناخشىچى بۇنيامىن ئاقسۈنگۈر «جانان ئۇيقۇدا»، «ئاچىل»، «ئۇچراشقاندا» قاتارلىق ۋەتەن، مىللەت كۈيلەنگەن ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئورۇندىدى.

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئومۇميۈزلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەجدادلاردىن قالغان مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى ھەرگىز سۇندۇرالمايدىغانلىقىنى، ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلالايدىغان پىداكار ئەۋلادلارنىڭ توختىماي يېتىشىپ چىقىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ چوقۇم مەغلۇپ بولىدىغانلىقىغا شەك-شۈبھىسىز ئىشىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پىروفېسسور، دوكتور جەلال ئەرباي سۆز قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى سېپىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچەيگەنلىكىدىن ئۈمىدۋار بولغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تەرەققىي قىلغان شۇنداق مۇھىم بىر پەيتتە، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بۆلۈنۈشنىڭ چوقۇم مەغلۇبىيەتكە ئاپىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى نىياز داموللامنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاينىڭ ھالاكىتى، رەھىمسىز باستۇرۇشلار ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئوخشاشلا 12-نويابىر كەچتە تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى شۆبىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى. كونيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشقان مەزكۇر پائالىيەتتە ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.  شۇنداقلا ئۆسمۈرلەر تەييارلىغان نومۇرلار ئورۇندالدى.

تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ شەھىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ياشلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، كاستامونۇدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئارقىلىق جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى.

ئۇندىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغان كۈنى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەندى. جۈملىدىن 13-نويابىر ئەنگلىيەنىڭ لوندون ۋە مانچىستىر شەھىرىدىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇرلار بىرلىكتە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش كۈنىنى خاتىرىلىگەن ھەمدە خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتىقادىنى، بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلەش قىلمىشى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشىلىرىنى ئەيىبلىگەن.

بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن، شۇنداقلا بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن پايتەختى بىريۇسسېلدىكى سىمۋوللۇق قۇرۇلۇش «ئ‍اتومىيۇم» مۇنارىمۇ كۆك رەڭگە بويالغان.

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى پارىژ شەھەر باشلىقى ئان ھېدالگو تىۋىتتېر سۇپىسىدا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقنى بىلدۈرۈپ، پارىژ شەھىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ رەڭگىدە يورۇتۇلغان. ئۇندىن باشقا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ تېمىدىكى چوڭ ئېكرانغا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن خەتلەر كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بوستوندا جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. ئۇندىن باشقا يەنە بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان كۈنىنى ئاقسارايدا خاتىرىلىگەن بولۇپ،  ئۇلار نامايىش قىلىش ئارقىلىق بايدېن ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

12-نويابىر ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، دەنخاگ شەھىرىدىكى گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىدا ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرىلەنگەن ھەمدە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.

12-نويابىر كۈنى قىرغىزىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئابلىمىت بەكرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق سەپداشلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىگەن.

بۇ خەۋەر 856 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2021 20:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق