شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى ھەيئىتى تۈركىيە ئاخبارات جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىدىن بىر ھەيئەت تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان خەلقئارا تور ئاخباراتى ۋە ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنى (UIGAD) زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەت بۈگۈن خەلقئارا تور ئاخباراتى ۋە ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەتنى جەمئىيەت رەئىسى جەسىم يەنەر ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

ھەيئەت زىيارەت داۋامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى تونۇشتۇردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاخبارات، تەشۋىقات ساھەسىدىكى خىزمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

جەسىم يەنەر ئەپەندى جەمئىيىتىگە تەۋە بارلىق ئاخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك پىلانلار ۋە پىروگراممىلاردا ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، بۇ خىزمەتلەرنى قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زىيارەت ئاخىرىدا ھەيئەت جەسىم يەنەر ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گېربى چۈشۈرۈلگەن لەۋھە تاختىسى تەقدىم قىلدى.

بۇ خەۋەر 1538 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2021 21:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق