د ئۇ ق نىڭ يېڭى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئېلان قىلىندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 11-نويابىر چېخ پايتەختى پىراگا شەھىرىدە ئېچىلىپ 14-نويابىر ئاخىرلاشتى.

ئومۇمىي يىغىنغا تۈركىيەدىن تەكلىپكە بىنائەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار قاتارلىقلار ۋە 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر شۇنداقلا تەكلىپلىك مېھمانلار قاتناشقانىدى.

سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان نەتىجىگە كۆرە، قۇرۇلتاينىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئىچىدە بەزىلەر ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالغان بولسا، بەزىلەر يېڭى سايلانغانلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

14-نويابىر قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئېلىپ بېرىلغان سايلام نەتىجىسىگە كۆرە، دۇلقۇن ئەيسا ئەپەندى 198 ئاۋاز بىلەن د ئۇ ق نىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغان.

رەئىس سايلىنىپ بولغاندىن كېيىن مۇئاۋىن رەئىسلەر سايلانغان بولۇپ، تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم ۋە گېرمانىيەدىن پەرھات مۇھەممىدى قاتارلىق ئۈچ كىشى د ئۇ ق نىڭ يېڭى نۆۋەتلىك مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇرۇنقىدەكلا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە قايتا سايلانغان.

نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قۇرۇلتاينىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ: «دۇنيانىڭ ھەرقايسىي ئەللىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا، شۇنداقلا قۇرۇلتاينىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا بولغان ئىشەنچىسىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە كەلگۈسى 4 يىل جەريانىدا تىرىشىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا 20 نەچچە دۆلەتتىن 220 دەك رەسمىي ۋەكىل كۆزەتكۈچى ۋە شەرەپ مېھمانلىرى قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 204 ۋەكىل ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان ۋە جەمئىي 32 نەپەر ۋەكىل قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى ھەرقايسىي كومىتېتلاردا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن.

ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەرنىڭ تەپسىلاتىنى قۇرۇلتاينىڭ رەسمى تور بېتىدىن كۆرۈۋالالايسىلەر.

بۇ خەۋەر 1075 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2021 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق