گوللاندىيەدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش كۈنى خاتىرىلەندى

گوللاندىيەدە 14-نويابىر ئىككى جۇمھۇرىيەت يەنى (1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى) قۇرۇلغان كۈن خاتىرىلەندى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار، ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال قاتارلىقلار ۋە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى.

خاتىرىلەش يىغىنى مۇھەممەد ئۆمەر قارىمنىڭ «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، يىغىندا تەشكىلات رەھبەرلىرى، تەكلىپلىك مېھمانلار، تەتقىقاتچىلار مەخسۇس تېمىلاردا سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇلار سۆزلىرىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش كۈنىنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدىكى ئەھمىيىتى شۇنداقلا زامانىمىزدىكى خەلقىمىز، بولۇپمۇ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنى تەربىيەلەشتىكى رولىنى تونۇشتۇرغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئۇبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلار بىلەن خاتىرىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1011 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2021 16:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق