ش ت ت ب ھەيئىتى ياۋروپادىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 14-نويابىر ياۋروپادىكى زىيارىتىنى گوللاندىيەدىن باشلىدى.

 گوللاندىيەدە تۇنجى قىلىپ ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلغان ھەيئەت، زىيارەت جەريانىدا تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ياۋروپادىكى تەرەققىياتى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ياۋروپادا قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ھەيئەت 14-نويابىر يەنە، گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى باشقۇرغۇچىلىرى، گوللاندىيە تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى ئىجرائىيە ھەيئىتى، ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان شەخسلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان بولۇپ، يىغىلىشتا ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ياۋروپادىكى ئەھۋالى، نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىش ئەھۋالى، قانداق قىلغاندا دەۋانى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟ دېگەندەك تېمىلارنى سۆھبەتتە بولغان.

ھەيئەت بۈگۈن 15-نويابىر يەنە گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ لاھەي شەھىرىدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىلىك دىن ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى پروفېسسور دوكتور خالۇك سونگۇر ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ خەۋەر 986 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2021 17:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق