قەيسەرىدە ئۇيغۇر قارىي ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

14-نويابىر تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتىپىدە يېڭى قارىيلارنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر مەكتەپتىكى 20 ئوقۇغۇچىنىڭ قارىيلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىكى ئۇستازلار، تۈركىيەنىڭ دۆلەت ۋە دىنىي ئىشلار نازارىتىدىكى ئەربابلار، بىر قىسىم جەمئىيەت ۋە ۋەقفى ۋەكىللىرىدىن سىرت، تۈركىيەدىكى داڭلىق دەۋەتچى دوكتور ئېھسان شەنئوجاقمۇ ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل نومۇرلارنى ئورۇنلىشى بىلەن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، قاتناشقۇچىلار مۇراسىمغا ياخشى باھالارنى بەردى. مۇراسىمغا قاتناشقان ئۆلىمالار مۇراسىمدا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، قارىيلارنى تەبرىكلىدى ۋە مۇھاجىرەتتىكى دىنىي تەلىم-تەربىيەنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئ‍ۆتتى. مۇراسىم ئاخىرىدا ئۇستازلارغا ۋە قارىيلارغا تەقدىرنامە ۋە شاھادەتنامە تەقدىم قىلىندى.

بۇ خەۋەر 1769 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2021 18:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق