ئاۋاتار ئاتاكان ئارسلان: مۇسابىقە مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستان...


4-مارت ئەركىن مۇشتلىشىش تۈرىدە دۇنيا بوكس چېمپىيونى شەرىپگە نائىل بولغان ئاۋاتار ئاتاكان ئارسلان: «زۇلۇمنى توسۇشقا قادىر بولالمىساڭ، ئۇنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلات» دېگەن شوئارنى ياڭراتتى.
ئەركىن مۇشتلىشىش تۈرىدە دۇنيا چىمپىيونى ئاۋاتار ئاتاكان ئارسلان بۈگۈن چۈشكەن مۇسابىقىسىدە تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قېرىنداشلىقىنى ئىپادىلەپ ھەمدە دۇنيا خەلقىنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قارىتىش ئۈچۈن، يېرىمى قىزىل، يېرىمى كۆك ئاي يۇلتۇزلۇق بايراق بىلەن مۇسابىقە سەھنىسىگە كىردى. ئۇ يەنە: «زۇلۇمنى توسۇشقا قادىر بولالمىساڭ، ئۇنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلات» دېدى. 
ئاۋاتار ئاتاكان 1989-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى تۈركىيەنىڭ سىۋاس شەھىرىدە تۇغۇلغان. 17 يېشىدىن باشلاپ ئەركىن مۇشتلىشىش ساھەسىگە كىرگەن. ئۇ ئۆز ئېتىقادىغا ئىنتايىن سادىق بىر مۇسۇلمان تەتھەرىكەتىچى بولۇپ، ھەتتا مۇسابىقىگە چۈشكەن ۋاقىتلاردىمۇ نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇشقا دىققەت قىلىدىكەن. مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىشتىن ئىلگېرى دۇئا قىلىدىكەن. ئۇ خەلقئارا ئەركىن مۇشتلاش ساھەسىدە جاسارىتى، چەبدەسلىكى بىلەن تونۇلغان. ئۇ 2011-يىلى ئۆزبېكىستانلىق رەقىبىنى يىقىتىپ، چىمپىيون بولغان. كېيىنكى مۇسابىقىلەردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغان كەلتۈرگەندىن سىرت، ھەر خىل فىلىملەردە رول ئېلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانماقتا ئىكەن.

بۇ قېتىم ئۇ بىرازىلىيەلىك رەقىبى جوناتان ئولىۋېر (Jonatan Olveir) بىلەن مۇسابىقىگە چۈش

 

بۇ خەۋەر 4929 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2019 20:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق