ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مادو شىركىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيەدىكى داڭلىق شىركەت مادونىڭ خوجايىنىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سۆزلىرى تور دۇنياسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مادو شىركىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش ۋىلايىتىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 17-نويابىر سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى قەھرىمانماراش شۆبىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، تۈركىيەدىكى داڭلىق ماروژنى ۋە تاتلىق-تۈرۈم شىركىتى بولغان مادونىڭ خوجايىنى مەھمەت كانبۇرنىڭ خىتاي ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە قارشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللىما» تېمىسىدا بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

پائالىيەتتە قەھرىمانماراش سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زىكرۇللاھ ئالىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن باياناتنى ئوقۇپ، خىتاينىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن تارتىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك باستۇرۇش ۋاسىتىلىرى بىلەن زۇلۇم قىلىپ كەلگەنلىكىنى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا قاماپ قىرغىن قىلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قالغان بىر پەيتتە، تۈركىيەدىكى مادو شىركىتىنىڭ خوجايىنى مەھمەت كانبۇرنىڭ «خىتايدا قورسىقىم تويغانىكەن، مەن خىتايدىن» دەپ، مەنپەئەت ئۈچۈن خىتايغا ياخشىچاق بولغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

باياناتتا يەنە مادو شىركىتىنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ مادو شىركىتىگە تەۋە پائالىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، مادو شىركىتىنىڭ بۇ نومۇسسىز قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينى قوللاشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكى، مادو شىركىتىدىن بارلىق تۈركىيە خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.

مادو شىركىتىنىڭ خوجايىنى مەھمەت كانبۇر 15-نويابىر خىتاي خەلقئارا رادىيوسى تۈركچە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ئىنساننىڭ ئىككى ۋەتىنى بولىدۇ، بىرى تۇغۇلغان يېرى، يەنە بىرى تويغان يېرى. خىتايدا قورسىقىم تويغانىكەن، مەن خىتايدىن» دېگەن بولۇپ، تۈركىيە ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغانىدى.

بۇ خەۋەر 1938 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2021 10:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق