بىر خىتاي ياش شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇھىم كۆرۈنۈشلەرنى ئاشكارىلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى لاگېرلارغا سولاپ قىرغىن قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ جىنايى قىلمىشلار خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان بىر پەيتتە، ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق جىددىيلەشكەن خىتاي بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، مەزكۇر لاگېرلارنى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەندەك چىرايلىق ناملار بىلەن ئاتاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما گۈەن گۈەن ئىسىملىك بىر خىتاي ياش خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم جازا لاگېرلىرىنى مەخپىي سىنغا ئېلىپ تارقىتىپ، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

سىندا بىلدۈرۈلۈشىچە، گۈەن گۈەن خەۋپگە تەۋەككۈل قىلىپ شەرقىي تۈركىستانغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن. ئۇ ئامېرىكا تاراتقۇلىرى لاگېر ھەققىدە تارتقان لاگېر ئادرېسلىرى ھەمدە بەيدۇ خەرىتىسىگە ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى سەككىز شەھەر ۋە بازاردىكى 18 ئورۇننى مەخپىي زىيارەت قىلغان. ئۇ زىيارەت جەريانىدا خىتاي ئىنكار قىلىۋاتقان جازا لاگېرلىرىنى بايقىغان  بولۇپ، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋەر ۋە دوكلاتلارنىڭ رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر سىننىڭ ئىلگىرىكى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئىشلىتىلگەن لاگېرلار ھەققىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنىڭ چىنلىقىنى دەلىللەشكە ياردىمى بولىدىكەن.

«شىنجاڭدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنى تېپىش» ناملىق مەزكۇر سىن 6-ئۆكتەبىر تورغا يوللانغان بولۇپ، ئۇ سىننىڭ بېشىدىلا ئۆزىنىڭ چەت ئەل مۇخبىرلىرى چەكلەنگەن شەرقىي تۈركىستانغا بىر خىتاي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىن كىرىپ، خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان سۆزلەرنىڭ راست ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ سىننى چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرى بىلەن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنىڭ ساختىپەزلىك ئىكەنلىكىنى، لاگېرلارنىڭ كۆلىمى ۋە سانىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاشكارىلانغان سان ۋە كۆلەمدىنمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تورداشلار يەنە خىتاي بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلىغان گۈەن گۈەن ئىسىملىك خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگەن. ئەمما ئۇ يېقىندا تىۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىگەن بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭ ھازىر خىتايدا ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

بۇ خەۋەر 1175 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2021 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق