ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 19-نويابىر گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنى تەكلىپ قىلىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

19-نويابىر گوللاندىيەدىكى تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقنىڭ رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلغان. ھەيئەتنى ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيە باش ئەلچىسى ياردەمچىسى لې چېك كۈتۈۋالغان.

لې چېك ئەپەندى كۆرۈشۈشتە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئەھۋال سورىغان. ھەيئەت تەشكىلاتلارنىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ۋە نىشانلىرىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرغان.

لې چېك ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ھەيئەتتىن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئارزۇ-ئىستەكلىرىنىڭ ۋە  قىيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى، خىتاينىڭ تۈرلۈك ئۇسۇلدىكى تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقىنى سورىغان.

تەشكىلاتلار ئىتتىپاقنىڭ رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان سۆھبەتنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، لې چېك ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاھۇ-زارىنى بىۋاسىتە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1492 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2021 14:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق