خىتاي يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش ۋاسىتىسىنى كۈچەپ قوللانماقتا

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دائىرىلىرى بېيجىڭدا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نەچچە يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى 17-نويابىر بېيجىڭدا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈگۈرۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي بۇ قېتىم  تەشكىللىگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قۇتۇپى ناھىيەسىدىن كۈلەيقان ئېسەي، ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسىدىن مۇقىيات سېيىت قاتارلىق كىشىلەرنى تور ئارقىلىق قاتناشتۇرۇپ، يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن. مەزكۇر ئاتالمىش «گۇۋاھچىلار» خىتاي ئىزچىل جار سېلىپ كەلگەن سۆز-جۈملىلەرنى تەكرارلاپ: «بىزنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ھوقۇقىمىزغا كاپالەت قىلىندى. تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىمىز ئوقۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولدى، نوپۇس ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى» دەپ يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى قورچاق ئەمەلدار غەيرەتمۇ: «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى ئۈزۈكسىز كۆپەيدى» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بەش يىلدىن بېرى ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، جازا لاگېرىغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق جىنايەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاشكارا بولۇشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينى ئەيىبلەش سادالىرى ۋە بىر قىسىم جازا تەدبىرلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. بۇنىڭدىن بىئارام بولغان خىتاي دائىرىلىرى ساختا تەشۋىقاتى ۋە ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى ئىشقا سېلىپ، بېيجىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە كۆپ قېتىملاپ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچماقتا ۋە ئۇيغۇرلارنى يىغىندا يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق، جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئائىلىسىدىن ئايرىش، زىچ ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تارقاقلاشتۇرۇپ كونترول قىلىش، ئائىلىلەرنى پارچىلاپ يوقىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت-كارخانىلارغا سۈرگۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، ھەتتا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى توپ ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە توپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدە ئېلانلارمۇ تارقىتىلىپ، كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

بۇ خەۋەر 1509 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2021 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق