خىتاي قازاقىستان خەلقىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 19- نويابىر ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ مەملىكەت سىرتى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى» بىلەن خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە، قازاقىستان خەلقىگە قارىتىلغان ئاتالمىش «پىكىر ئالماشتۇرۇش» نامىدا مەخسۇس سىنلىق يىغىن ئۆتكۈزگەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ يېقىندىن بېرى خەلقئارادا جىددىي كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە ئەگىشىپ، خىتايمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە يالغان تەشۋىقاتلىرىنى كۆپەيتمەكتە. بۇ قېتىم خىتاي ئۈرۈمچىدە قازاقىستان خەلقىگە قارىتىلغان ئاتالمىش «پىكىر ئالماشتۇرۇش» نامىدا مەخسۇس بىر مەيدان سىنلىق يىغىن ئاچقان.

يېغىنغا ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى قورچاق ئەمەلدار نۇرلان ئابلىمەجىن ۋە خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ قاتناشقان. قورچاق ئەمەلدار نۇرلان قېلىپلاشقان جۈملىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ تونۇشتۇرغان.

ئۇ سۆزىدە: «يېقىندىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئەمما ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە قاتارلىق بىر قىسىم غەرب ئەللىرى مەجبۇرىي ئەمگەك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تۈرلۈك يالغان ـ ياۋىداق سۆزلەرنى تارقاتتى. قازاقىستاندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەرب تەشۋىقاتىغا قارشى بىز بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.

سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا يەنە، بەش يىلدىن بىرى شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتا-ئانا، پەرزەنتلىرى ھەمدە بارلىق تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى چەكلەپ كېلىۋاتقان، كۆرۈشكەنلەرنى تۈرمە ۋە لاگېرغا سولاپ كېلىۋاتقان خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش مەقسىتىدە، قازاقىستان دېمىرىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچى شۇڭقار ئازاتنى ئۈرۈمچىدىكى ئاپىسى بىلەن تور ئارقىلىق كۆرۈشتۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، بىر تەرەپتىن يالغان تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە دۆلەتلەرگە ھەر خىل شەرتلەرنى قويۇپ زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى، ياساپ چىقىلغان ئارتىسلار ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەخمەق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

بۇ خەۋەر 962 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2021 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق