خىتاي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ جىنايىتىدىن تېنىشقا ئۇرۇندى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» 20-نويابىر ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» تېمىسىدا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن تېنىشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي تىڭشۈن تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.

خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈنسىرى جىنايەتلىرى ئاشكارىلىنىۋاتقان خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىمبارگو قويۇشىغا دۇچ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كېلىۋاتقان بۇ بېسىم تۈپەيلى مەخسۇس ئادەم كۈچى تەشكىللەپ ھىيلە-نەيرەڭ ھەمدە يالغانچىلىق ئادىتىنى ئىشقا سېلىپ ھەر كۈنى بىر قانچە قېتىم بېيجىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشقا باشلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنى بىۋاسىتە سىن ئارقىلىق يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاپ ئۆز جىنايەتلىرىدىن تېنىشقا ئۇرۇنماقتا.

خىتاي 20-نويابىر تەشكىللىگەن ئاتالمىش «ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ناملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەردىن نۇرئامىنەم ئەكبەر بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى راھمان روزى، ئاماننىسا ئەھەت، خوتەندىن ئاينۇر ئىمىن قاتارلىق كىشىلەرنى تور ئارقىلىق قاتناشتۇرۇپ ئۇلارنى يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلىغان.

مەزكۇر ئاتالمىش «گۇۋاھچىلار» خىتاي دائىرىلىرى ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە ھەممىگە مەلۇم بولۇپ كەتكەن قېلىپلاشقان جۈملىلەرنى تەكرارلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەققىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر: خىتاينىڭ ھەركۈنى دېگۈدەك پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ خىل ساختا مەيدان ھازىرلاش ۋە دۇنيانى بۇنىڭ بىلەن ئالدايمەن دەپ خام خىيال قىلىشىنىڭ تولىمۇ كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى، بۈگۈن دۇنيادا خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى سەپسەتىلىرىگە ئىشىنىدىغان ئەقلى ھوشى جايىدا بىر كىشى تېپىشنىڭ تولىمۇ قىيىن ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ئەخمىقانە ئىشلارغا كۈچەشنىڭ ئورنىغا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 841 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2021 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق