تەشكىلاتلار بىرلىكى «ئىندىجىنىس خەلق» مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

يېقىندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ۋە دەۋادىكى شەخس ۋە تەشكىلاتلار ئەيىبلىنىۋاتقان مەسىلە بولۇپ كەلگەن ئىندىجىنىس خەلق (Indigenous People) ئۇقۇمىنى خەلقئارا سەھنىلەردە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تەرىپلەش ئۈچۈن ئىشلىتىش مەسىلىسىدە تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلدى.

تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا مۇنۇلار تىلغا ئېلىندى:

 

كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزاھات

شەرقىي تۈركىستان خەلقى نەچچە مىڭ يىللىق دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسىگە ئىگە، يېقىنقى مىڭ يىلدا ئىسلام ئېتىقادى، تۈرك ئىرقى، تۈركىستان جۇغراپىيەسى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسىدا مەدەنىيىتىنى ۋە قىممەت-قاراشلىرىنى شەكىللەندۈرگەن دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك بىر خەلق. شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ زېمىنى. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈرك قەۋملىرى بۇ زېمىندا ئورتاق مۇستەقىل دۆلەتلەر قۇرغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ «ئىسلامىيەت، ئازادىيەت، ئادالەت ۋە ئۇخۇۋەت»تىن ئىبارەت تۆت ئىدىيەۋى ئاساسى شانلىق تارىخىمىزنى ۋە كىملىكىمىزنى ئەكس ئەتتۈرگەندۇر. بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۆلىتى ئىشغال قىلىنغان، مۇستەقىللىق ئۈچۈن يوللۇق دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، ئىشغالىيەتكە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر خەلق. ئاداققى نىشانىمىز خىتاي ئىشغالىيەتچى كۈچلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋەتىنىمىزنى ئازاد قىلىپ، مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇشتۇر.

مۇستەقىللىقنى نىشان قىلغان شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىنى مىللەت، تۇپراق ۋە ئېتىقاد نۇقتىسىدىن ئورتاق ئېلىپ مېڭىش، مىللىي مەنپەئەتنى مىللىي قىممەت قاراش ۋە مىللىي ئىرادە ئاساسىدا بېكىتىش ۋە شەرقىي تۈركىستان مەركەزلىك سىياسەت تۇتۇش قاتارلىقلار بىزنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىمىزدۇر. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى مۇھاپىزىكار مىللىي ھەرىكەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ پىرىنسىپلىرىمىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز، ھېچقانداق بىر كۈچ بىلەنمۇ مۇرەسسە قىلمايمىز. ئاشۇ پىرىنسىپلار ئاساسىدا دەۋايىمىزنىڭ غەلىبە قازىنىشىغا ۋە مۇستەقىللىقىمىزنىڭمۇ روياپقا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ھەرىكەتلىرىمىزدە خەلقئارا ۋەزىيەتنى ياخشى ئانالىز قىلىپ، دەۋرگە ماس ۋە ئۆزلۈكىمىزگە سادىق سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە تۇتۇپ كەلدۇق. مۇستەقىللىق ئىرادىمىز، دىنىي ئېتىقادىمىز ۋە مىللىي كىملىكىمىزنى باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن ئۆزگەرتمىدۇق ۋە ھەرگىز ئۆزگەرتمەيمىز.

بىرلىكىمىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پىرىنسىپلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن مىللىي مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارادىكى سىياسىي، قانۇنىي ۋە تارىخىي كىملىكىنى بېكىتىشتە، يەرلىك خەلقلەر (Indigenous People) دېگەن ئۇقۇمدا تونۇشتۇرۇلۇشىنى ئەسلا قوبۇل قىلمايمىز، بۇنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىغا زىيانلىق ۋە شۇنداقلا تارىخىي، سىياسىي ۋە قانۇنىي نۇقتىدىن خاتا ۋە ئىناۋەتسىز دەپ قارايمىز. شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى سۆز-ھەرىكەتلىرىدە خەلقىمىزنىڭ كىملىكىنى، تارىخىي ئۆتمۈشىنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە مۇستەقىللىق يولىنى توسۇپ قويىدىغان ھەر قانداق سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش، كېلىشىش ۋە مۇرەسسە قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرىمىز، شۇنداقلا بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە سادىق ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

 

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

23112021

 

بۇ خەۋەر 1847 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2021 16:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق