ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ ئىنتېرپول ئىجرائىيە ئەمەلدارى نامزاتى بولغانلىقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىندى

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى (Interpol) نىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسلىكىگە خىتاي ج خ مىنىستىرلىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ بىنچېننىڭ نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىگە قارشى 23-نويابىر ئىستانبۇل بەشىكتاش باربارۇس مەيدانىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشنى تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا ۋە تۈركىيەدىكى ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىلكە خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇداۋ خەۋەر ئاگېنتلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن ئاخبارات ئورگىنى ئىشتىراك قىلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسلىكىگە خىتاي ج خ مىنىستىرلىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى خۇ بىنچەننىڭ نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى، خۇ بىنچېننىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسلىكىگە سايلىنىشىغا بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قارشى تۇرىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئەزەلدىن مەزكۇر ئورگاندىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ كەلگەنلىكى، ئىلگىرى خىتاينىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىدىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقارغانلىقى، شۇڭا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتقا خىتاينىڭ سايلىنىشى مەسىلىسىدە ھوشيار بولۇشىنى، ساقچى تەشكىلاتىغا خىتاينىڭ سايلىنىشى سەۋەبلىك تەشكىلاتنىڭ ئەسلى مەقسىتى بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە ماراكەشتە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياش ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىممۇ سۆز قىلىپ، يولدىشىنىڭ ماراكەش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغىنىغا نەچچە ئاي بولغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوقلۇقىنى، ئەينى ۋاقىتتا ئىنتېرپولنىڭ خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يولدىشىغا قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ بەرگەنلىكىنى، شۇڭا ئىنتېرپولنىڭ بۇ مەسىلىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئىنتېرپولغا ئوخشاش تەشكىلاتلاردىكى تەسىر كۈچى ئارقىلىق، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ۋاقتىدا توسۇش كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىنتېرپول 23-نويابىردىن 25-نويابىرغىچە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى ئەزالىرىنى سايلايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ج خ مىنىستىرلىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ بىنچەنمۇ نامزاتلار قاتارىدا بار بولۇپ، قالغان ئىككى نامزات سىنگاپور ۋە ھىندىستاندىن ئىكەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىنتېرپول ئىجرائىيە كومىتېتى 13 ئىجرائىيە ئەمەلدارىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار باش كاتىپ ۋە باش كاتىبات باشقارمىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى نازارەت قىلىش، خىزمەت پىلانى ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈشكە ياردەم بېرىشكە مەسئۇل ئىكەن. ئىنتېرپولدا 19 سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق خەلقئارالىق جىنايى دېلولارغا ئالاقىدار ئارخىپ ماتېرىيالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھەر يىلى ئىنتېرپول يولى ئارقىلىق تەخمىنەن 3000 قېتىم ياردەملىشىپ تەكشۈرۈش دېلوسىنى ئەۋەتىدىكەن.

 

بۇ خەۋەر 1228 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2021 17:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق