يەنە بىر نازىر دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدار تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى

خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى كۆزدىن يوقىتىش ھەرىكىتى ئىزچىل تۈردە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدار تۇرسۇنجان ئەلى ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 23-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، نازىرى تۇرسۇنجان ئەلى «ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» باھانىسى بىلەن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

تۇرسۇنجان ئېلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونىشەھەر ناھىيەسىدىن بولۇپ، 1992-يىلى  قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ بازىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ كاتىپى بولغاندىن باشلاپ، 1998-يىلى قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ بازىرىنىڭ باشلىقى، 2001-يىلى قەشقەر شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 2005-يىلى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» كومىتېتىنىڭ كاتىپى، 2013-يىلى ئىلى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى، 2015-يىلى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى، 2020-يىلى يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي يۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانى بويىچە، تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا خىتاي رېجىمىغا سادىق خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭمۇ زىيانكەشلىكتىن چەتتە قالمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك، پارىخورلۇق» قاتارلىق باھانىلەر بىلەن جازالانغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغانلىقى سەۋەبلىك، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ تېررور سىياسىتىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1119 قېتىم كۆرۈلدى
24/11/2021 12:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق