دوكلات: خىتاينىڭ يېڭى قانۇنى شىركەتلەرنى مەبلەغ سېلىشتىن ۋاز كەچتۈرمەكتە

خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە سودا ئۇيۇشمىسى 23-نويابىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ سانلىق مەلۇمات يۆتكەش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار سىياسەتلىرىنىڭ چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى مەبلەغ تۈرىدىن چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي سىياسىتىدىكى ئېنىقسىزلىقنىڭ زور باش قېتىنچىلىقى ئېلىپ كەلگەنلىكى، خىتايدىن يۆتكىلىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى سەۋەبلىك، بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى مەبلەغ تۈرىدىن ۋاز كېچىشكە باشلىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئەنگلىيە سودا ئۇيۇشمىسى دوكلاتىدا خىتاي يېڭى بېكىتكەن قانۇن ماددىلىرىنىڭ مۈجمەل ئىكەنلىكىنى، مەسىلەن: مۇھىم ھۆججەتلەرنى چەت ئەلگە يوللايدىغان شىركەتلەرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى، ئەمما قانۇندا تىلغا ئېلىنغان «مۇھىم ھۆججەت»نىڭ ئېنىقلىمىسىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

بۇ ئاينىڭ بېشىدا ياخۇ شىركىتى خىتايدا كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان سودا ۋە قانۇن مۇھىتى سەۋەبلىك، 1-نويابىردىن باشلاپ خىتاينىڭ ياخۇنىڭ تولۇق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇنىڭدىن بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى مىكروسوفت شىركىتى LinkedIn مۇ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى ۋە بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە مۇلازىمەتنى يەرلىكلەشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ تور سۇپىسىغا قاراتقان كونترول تەلىپىگە بويسۇنۇش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى كۈچلۈك تەرىقىدە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ خەۋەر 646 قېتىم كۆرۈلدى
24/11/2021 13:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق