ئەردوغان: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەب تاييىب ئەردوغان خىتاينىڭ جىنايىتىگە ئىزچىل سۈكۈت قىلىپ كەلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى.

پىرېزىدېنت ئەردوغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىساد ۋە سودا ھەمكارلىقى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 37-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىغا تور ئارقىلىق قاتناشقان بولۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەت ھەمدە ئىسلام دۇنياسىدىكى كىرىزىسلار ھەققىدە توختالغاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ھەققىدە توختالغان.

ئەردوغان سۆزىدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى مەقسەتلىرىدىن بىرى بولغان پەلەستىن مەسىلىسىنى ئاخىرىغىچە قوغداشتا مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن پەلەستىن دەۋاسىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىرقچىلىق سۆزلىرى ۋە ئىسلام دىنى ۋە چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ھەرىكەتلىرى كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكىنى، بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈپ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان تەدبىرلەرنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر ئىسلام تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەردوغان روھىنگا مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنىڭ داۋاملىق ئېغىرلاشقانلىقىنى، روھىنگادىكى بىخەتەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، ئاراكاندا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.

ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ لىۋىيە مەسىلىسىدە قانۇنلۇق تەرەپنى قوللىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق رايوندا تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى، مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنى، لىۋىيە خەلقىنىڭ تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەردوغان 40 يىلدىن بۇيان توقۇنۇش ۋە ئىشغالىيەتكە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئافغانىستان خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش، ئافغانىستان خەلقىگە بولغان قېرىنداشلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى سۇنۇش قاتارلىقلارنىڭ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەردوغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ: «بىز خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىقلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ناھايىتى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز، مەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇش نىشانىغا ماس ھالدا، بۇ مەسىلىگىمۇ سەزگۈر قارىشى كېرەكلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمىزنى قايتا تەكىتلەيمەن» دېگەن.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىپ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك ئىزچىل تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.

بىر نەچچە كۈن بۇرۇن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى كومىتېت رەئىسى پىروفېسسور ئەھمەد ئەززەم ئابدۇراھمان ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتنى دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالاھىدە ئەلچىسىگە يەتكۈزگەنىدى.

بۇ خەۋەر 771 قېتىم كۆرۈلدى
24/11/2021 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق