تۈركىيەدە دوللارنىڭ ئۇچۇشى

تۈركىيەدە تۈنۈگۈن، يەنى 23-نويابىر دوللار ئۇچتى. ئەتىگەن بانكىلار ئېچىلغان ۋاقىتتا بىر دوللار 11 لىرا 23 قۇرۇش ئىدى. كەچ سائەت تۆتلەردە بىر دوللار 13 لىرا 50 قۇرۇشلارغىچە ئۆرلەپ، يېقىنقى 16 ئاينىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

1-نويابىر بىر دوللار 9 لىرا 65 قۇرۇش ئىدى، بۈگۈن بولسا بىر دوللار 13 لىرا 65 قۇرۇش. يەنى بۇنىڭدىن 23 كۈن بۇرۇن مىڭ دوللىرى بار بىر كىشى بۈگۈن 4000 لىرا پايدا ئالدى. بۇنىڭدىن 23 كۈن بۇرۇن 9650 لىرا پۇلى بار ئادەم بۈگۈن 4000 لىرا زىيان تارتتى. 23-يانۋاردىن 24-يانۋارغا ئۆتكەن كېچىدە ئاق پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، ئىيى پارتىيەسى... قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ ئەنقەرەدىكى مەركىزىي پارتىيە بىنالىرىنىڭ چىراغلىرى ئۆچمىدى. نېمىلەرنى دېيىشتى، نېمە ئىشلار بولدى، بىز بىلمەيمىز، ئەلۋەتتە.

تۈركىيەدە نېمىشقا بۇنداق پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىدۇ؟ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق ئېغىر پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەنمۇ؟ تۆۋەندە بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1994-يىلى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىدىن چىقىملار كۆپ بولۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت بۇ كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دۆلەت مالىيەسىدىكى پۇلدىن ئارتۇق پۇل باسقان. بۇ ئەھۋال ئاشكارىلانغاندىن كېيىن تۈرك لىراسىنىڭ قىممىتى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، بىراقلا %160 دىن ئېشىپ كەتكەن پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بىر ۋارىقى 500 مىڭ لىرا، بىر مىليون لىرا دېگەندەك پۇللار بېسىلغان. نەتىجىدە تۈركىيەدىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقمۇ «مىليونېر» بولۇپ كەتكەن.

1997-يىلى 3-ئايدا بىر دوللار 110 مىڭ لىرا ئىدى، يىل ئاخىرىسىغا بارغاندا بىر مىليون لىراغا سەككىز دوللار كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. 2000-يىلىدىن باشلاپ چەت ئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرى مەبلىغىنى تۈركىيەدىن يۆتكەشكە باشلىغان. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن تۈركىيەدە يەنە بىر كىرىزىس باشلانغان. 2001-يىلى 19-فېۋرال باش مىنىستىر بۈلەنت ئەجىۋىت باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پىرېزىدېنت ئەھمەد نەجدەت سەزەر بىلەن كۆرۈشكەن. سۆھبەت جەريانىدا ئەھمەد نەجدەت سەزەر ئاچچىقلىنىپ، بۈلەنت ئەجىۋىتكە قولىدىكى ئاساسىي قانۇن كىتابىنى ئاتقان. بۇ ۋەقە بىلەن تۈركىيەدە يەنە بىر پەۋقۇلئاددە كىرىزىس چىققان. بىر كېچىدە بىر ئادەمنىڭ يېنىدىكى 1 مىليون 200 مىڭ لىرا (ھازىرقى 1200 لىرا) بىردىنلا دوللار ئالدىدا 684 مىڭ (ھازىرقى 684 لىرا)غا ئايلىنىپ قالغان.

2005-يىلى 1-يانۋار تۈركىيە لىرادىكى ئالتە تال نۆلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭى پۇل چىقارغان. بۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن بىر مىليون لىرالىق پۇللار بىر لىراغا ئۆزگەرگەن. بىر دوللارنىڭ قىممىتى بىر لىرا 30 قۇرۇشتىن بىر لىرا 70 قۇرۇشقىچە ئەتراپىدا بولغان.

2007-يىلى، 2007-2008-يىلى پۈتۈن دۇنيادا ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بېرىدۇ. بۇ كىرىزىسنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى بولسا ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك باھاسى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىدۇ ۋە «Lehman Brothers» خەلقئارالىق بانكىسى 2008-يىلى 15-سېنتەبىر 613 مىليارد دوللار قەرزگە بوغۇلۇپ، تامامەن ۋەيران بولىدۇ. خەلقئارادىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈركىيەگىمۇ تەسىرى بولىدۇ. ھۆكۈمەت شۇنچىۋالا تەدبىر قوللانغان بولسىمۇ، يەنىلا ئېغىر كىرىزىس يۈز بېرىدۇ. نەتىجىدە مال باھاسى %130 ئۆرلەپ، خەلقنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى %25 ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

2013-يىلى 5-ئايدا تاكسىم مەيدانىدىكى ئورمانلىقنىڭ دەرەخلىرى كېسىلدى، دېگەن سەۋەب بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى «گېزى باغچىسى نامايىشى» دەپ بىر نامايىش باشلاندى. بۇ ۋەقە تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. نەتىجىدە تۈرك لىراسىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ، بىر دوللار ئىككى لىراغا چىقتى.

2015-يىلى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كۆپلىگەن ئەسكەر، ساقچى ۋە گۇناھسىز خەلق ئۆلدى، يارىلاندى. ئاق پارتىيەسى 7-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا بۇرۇنقىدەك يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى. بۇ جەرياندا رۇسىيەنىڭ سۇرىيە چېگراسىدىن كىرگەن كۈرەشچى ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. بۇ ئەھۋال رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس چىقىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن تۈركىيەدە يەنە ئىقتىسادىي كىرىزىس باش كۆتۈرۈپ، بىر دوللار ئۈچ لىراغا چىقتى.

2018-يىلى 24-ئىيۇن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. رەجەپ تاييىب ئەردوغان كېيىن مىنىستىرلىك تۈزۈمىنى پارلامېنت تۈزۈمىگە ئۆزگەرتتى ۋە پىرېزىدېنت بولدى. بۇ جەرياندا ئەردوغان: «دوللارنىڭ بۇنداق ئۆرلەپ كېتىشى بىزنىڭ كەلگۈسىمىزگە تەسىر قىلالمايدۇ، كەلگۈسىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز» دېدى.

كېيىن ئامېرىكىلىق پوپ (Andrew Brunson) جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىندى. بۇ ئەھۋال تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئارىسىدا كىرىزىسنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولدى. بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن دوللار بىردىنلا ئۆرلەپ، بىر دوللار يەتتە لىراغا چىقتى.

2020-يىلى 11-ئايدا دوللار داۋاملىق ئۆرلەپ، بىر دوللار سەككىز لىرا 60 قۇرۇشقا چىقتى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ جەرياندا 2019-يىلىدىن باشلاپ دوللارنىڭ ئۆرلىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن مەركىزىي بانكىسىدىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 100 مىليارد دوللار ساتتى. شۇنىڭ بىلەن كېيىن بىر دوللار ئالتە لىرا 85 قۇرۇشقىچە چۈشتى. ئەمما ئۇنچە دوللارنىڭ دۆلەت خەزىنىسىدىن چىقىپ كېتىشى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاشتۇردى. 30-نويابىر مەركىزىي بانكىنىڭ باشلىقى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ھازىرقى مەركىزىي بانكا باشلىقى ناجى ئاغبال تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئەتىسىدىن باشلاپ دوللار يەنە شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى. 

بۇ جەريانلاردا دوللار بىلەن ياۋرو ۋە ئالتۇنمۇ تەڭ ئۆرلەپ ماڭدى. مەسىلەن: 2003-يىلى بىر ئالتۇن (يەتتە گىرام) 72 لىرا، يېرىم ئالتۇن 36 لىرا، چارەك ئالتۇن 18 لىرا ئىدى. 2010-يىلىغا كەلگەندە بىر ئالتۇن 420 لىرا، يېرىم ئالتۇن 210 لىرا، چارەك ئالتۇن 105 لىراغا ئۆرلىدى. ھازىر، يەنى 2021-يىلى 24-نويابىر بولسا بىر ئالتۇن 4840 لىرا، يېرىم ئالتۇن 2420 لىرا، چارەك ئالتۇن 1210 لىرا ئەتراپىدا بولماقتا. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىساق، 2003-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان 18 يىل ئىچىدە ئالتۇننىڭ باھاسى تەخمىنەن 68 ھەسسە ئۆرلىگەن بولىدۇ.

شۇنداق قىلىپ تۈركىيەدە دوللار ئۆرلەپ، 2021-يىلى 10-ئايدا بىر دوللار 9 لىرا 50 قۇرۇشقا چىققان بولسا، 24-نويابىردا بىر دوللار 13 لىرا 50 قۇرۇشقىچە چىقتى. شۇنداقتا بىر ئاي بۇرۇن مىڭ دوللار سېتىۋالغان ئادەم ھازىر 4900 لىرا پايدا ئالغان بولدى. بىر ئاي بۇرۇن دوللار ساتقان ياكى قولىدىكى لىراسىغا دوللار ئالمىغان ئادەمنىڭ پۇلىنىڭ قىممىتى 4900 لىرا چۈشۈپ كەتتى.

تۈنۈگۈن كەچتە مەركىزىي بانكا باشلىقى خەلققە چۈشەنچە بېرىپ، دوللارنىڭ بۇ خىل ئۆسۈپ كېتىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلۇقىنى ئېيتتى ۋە «ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى-ئۈچ ئاي ئىچىدە دوللارنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى نورماللىشىدۇ» دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

2021-يىلى 24-نويابىر

بۇ خەۋەر 376 قېتىم كۆرۈلدى
24/11/2021 18:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق