خىتاي يالغان گۇۋاھلىق ۋاسىتىسى بىلەن جىنايىتىنى ئىنكار قىلدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دائىرىلىرى 21-نويابىر يەنە بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلدى.

يېقىندىن بېرى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى يالغان بايانلىرىغا قارىماي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشى تېخىمۇ كۈچەيگەن. شۇنداقتىمۇ خىتاي يەنە ۋاسىتە ئۆزگەرتىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «ئۆز كەچۈرمىشىنى سۆزلەش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈشكە باشلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى 21-نويابىر مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنغا ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدىن ئادىلجان نىياز، قۇمۇل شەھىرىدىن رەناگۈل سوپى بىلەن ئەركىن ئابلىز، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيەسىدىن ئايىمخان مەتسەيدى، قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدىن غېنى بارات قاتارلىقلارنى قاتناشتۇرۇپ، يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن. يىغىنغا قاتناشقان خەلق ئاممىسى تىجارەتچى، ئىشچى، دېھقان دەپ تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغىنى بويىچە، نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ، يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇلار ئاتالمىش گۇۋاھلىق سۆزىدە: «مەجبۇرىي ئەمگەك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس. بىز بەختلىك ياشاۋاتىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەت شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇش جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ سۈپەتلەشكە باشلىغان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مەجبۇرىي گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش قاتارلىق يالغان تەشۋىقاتلارنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكىنى، يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك تەھدىتلەر ئاستىدا يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 963 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2021 11:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق