ئامېرىكا تەيۋەننى دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى

خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان تۈرلۈك بېسىملىرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا تەيۋەننى «دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنى»غا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 24-نويابىر ئامېرىكا تەيۋەننى دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇنىڭغا «قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى»نى، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە نامىدا دۇنيانى پارچىلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى  دەۋا قىلغان ۋە ئامېرىكىنى «خىتاي-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئەھدىنامىسى»غا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى سەيشەنبە كۈنى تەيۋەننى 9-دېكابىردىن 10-دېكابىرغىچە داۋاملىشىدىغان دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تەيۋەن تەرەپ بولسا تاڭ فېڭ ۋە شياۋ مېيچىن قاتارلىق ئەمەلدارلىرىنى يىغىنغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئورگان تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بۇ قېتىم 110 دۆلەتنى مەزكۇر باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، يىغىندا دېموكراتىك دۆلەتلەر نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس ۋە پۇرسەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا دۇنيا دېموكراتىيەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى رەھبەرلەر ۋە دۆلەتلەرگە ھەر خىل ئىسلاھاتلارنى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇللىرىنى ئېلان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىدىكەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلار ئىچىدە رۇسىيە بىلەن خىتاي يوق ئىكەن.

بۇ خەۋەر 604 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2021 11:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق