ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىجرا قىلىۋاتقان جازا مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى 24-نويابىر خىتاينىڭ تۆت ئەمەلدارى ۋە بىر ئورگىنىغا قاراتقان جازا مۇددىتىنى ئۇزارتىش ھەققىدە قارار چىقارغان بولۇپ، كېلەر ئايدا رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىكەن. بۇ 2020-يىلى 12-ئايدا ئىمزالانغان خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى قىيىن ۋەزىيەتكە چۈشۈرۈپ قويغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى مىنىستىرلىرى 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە بىريۇسسېلدا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان مال-مۈلكىنى توڭلىتىش ۋە ساياھەت چەكلىمىسىنى ئۇزارتىش مەسىلىسىنى رەسمىي تەستىقلايدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارى 2020-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىمزالانغان خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىگە زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ۋەكىلى ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقى جازانى بىكار قىلمىغۇچە، سودا كېلىشىمنى تەستىقلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي ۋەكىلى يەنە: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ جار سالغان.

بۇ يىل مارت ئېيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق كاتىپى جۇ خەيلۈن، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، قوشۇمچە قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى ۋاڭ مىڭشەن ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگو قاتارلىق تۆت خىتاي ئەمەلدارىنى جازالىغان. جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئورۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى»نىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بولۇپ، مەزكۇر تۆت ئەمەلدار شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى سەۋەبلىك جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. خىتاي بۇنىڭغا قارشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئورگانلارغا جازا يۈرگۈزگەن.

خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەيئەت مەسئۇلى جاڭ مىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق تور پائالىيىتىدە، يەتتە يىل جەريانىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن 35 قېتىم ئايلانما سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ياۋروپا تەرەپ كەلتۈرۈپ چىقارغان توسالغۇلار سەۋەبىدىن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 818 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2021 12:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق