ئاۋسترالىيە خىتاينى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلاشماقتا

بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى سادالار كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاۋسترالىيەمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىشقا باشلىدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئىچىدە خىتاينى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلارنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى كېلەر يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەسلىكنى ئويلىشىشقا باشلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال-مىللىي پارتىيە ئىتتىپاقى ۋە ئۆكتىچى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ سىياسىيونلىرى فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنى كېلەر يىلى فېۋرال ئېيىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاينى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش تەدبىرى بولسا، ئولىمپىك يىغىنىغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتمەيدىكەن، ئەمما تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىشىغا يول قويىدىكەن.

بۇ خەۋەرنى سىدنى ئەتىگەنلىك خەۋەرلىرى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىكى بۇ توغرىلىق ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېنمۇ ئالدىنقى ھەپتە كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدو بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى، مۇخبىرلارغا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ خەۋەر 670 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2021 12:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق