ئامېرىكا يەنە 12 خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە «يوشۇرۇن خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن سەۋەب بىلەن 12 خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى 24-نويابىر 27 خىتاي ئورگىنى ۋە شەخسلەرنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ 12 شىركىتىگە چېتىشلىق ئىكەن. مەزكۇر ئورگان ۋە شەخسلەر ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن تەھدىت، دەپ قارالغان بولۇپ، ئۇلار بەزى ئەھۋاللاردا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ كىۋانت ھېسابلاش خىزمەتلىرىگە ياردەم قىلىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرى خاڭجۇ جۇڭكې مىكرو ئېلېكتىرون شىركىتى، خۇنەن ئۇنىۋېرسال مىكرو ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى، شىنخۇاسەن تېخنىكا شىركىتى، شىئەن ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى خۇاشۈن تېخنىكا شىركىتى ۋە سۇجۇ يۈنشىن مىكرو ئېلېكتىرون تېخنىكا شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى بۇ شىركەتلەرنى «خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي جەھەتتە زامانىۋىلىشىشىنى قوللايدۇ» دېگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى يەنە خىتاي ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا تۈرلىرىگە ئېرىشكەن ياكى ئېرىشىشكە ئۇرۇنغان ئۈچ خىتاي شىركىتىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا بۇ تىزىملىككە پاكىستان ۋە خىتاينىڭ يادرو پائالىيىتى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي ۋە پاكىستاننىڭ 16 ئورگىنى ۋە شەخسلەر كىرگۈزۈلگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى رايموندو باياناتىدا: «بۇ قېتىملىق ھەرىكەت ئامېرىكا تېخنىكىسىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى قوللىشىنى ۋە يادرو قورالىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ھەققىدىكى ئەندىشىنى توختىتىشقا پايدىلىق» دېگەن.

بۇ خەۋەر 749 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2021 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق