خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقات يىغىنى ياپونىيەگىمۇ يېتىپ باردى

خىتاينىڭ ياپونىيەنىڭ دابەندە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئاتالمىش «جۇڭگونى چۈشىنىش» تېمىسىدا تور مۇنبىرى لېكسىيە يىغىنى ئاچقان. يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم» رايونلۇق ھۆكۈمەت باياناتچىسى شۈي گۈيشىياڭ بىلەن قورچاق ئەمەلدار ئېلىجان ئىنايەت ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەھۋالى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنى ئاقلاپ ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىن قىلىش سىياسىتى خەلقئارادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى سەۋەبلىك خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشىغا چېتىلغان شىركەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن جازالانغان بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى ۋەيران بولغان. شۇ سەۋەبلىك خىتاي ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن تېررور سىياسىتىنى يالغان تەشۋىقاتلىرى بىلەن ئاقلىماقتا ھەمدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلىماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 25-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىندا سۆز قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيەت ئەھۋالىنى بۇرمىلاپ تونۇشتۇرغان. ئۇلار بىردەك، «غەرب ئەللىرى شىنجاڭ مەسىلىسىدە بىزگە بۆھتان چاپلىدى، پاكىتقا زىت سەپسەتە تارقاتتى» دەپ بىلجىرلىغان. شۈي گۈيشىياڭ يەنە شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان لاگېرلار ھەققىدە سۆز قىلىپ «تەلىم ـ تەربىيە مەركىزى بولسا بىر مەكتەپ» دەپ بىلجىرلىغان. قورچاق ئەمەلدار ئېلىجان ئىنايەت بىر ياپونىيەلىكنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش ئەھۋالى يوق» دەپ تەسۋىرلەپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

كۆزەتكۈچىلەر، مۇھاجىرەتتىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بەش-ئالتە يىلدىن بۇيان ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى، ئاز ساندىكى كىشىلەر ئالاقە قىلغانلىقى سەۋەبلىك ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنىڭ جازالانغانلىقىنى، بۇنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاشكارا بىر ھەقىقەتكە ئايلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا تېخىچە ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە يۇقىرىقىدەك نومۇسسىزلارچە يالغان ئېيتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل ئالدامچىلىق بىلەن جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1011 قېتىم كۆرۈلدى
26/11/2021 11:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق