خىتاي بىلەن رۇسىيە بەش يىللىق ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې سەيشەنبە كۈنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ئىككى ئارمىيەنىڭ ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يول خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 24-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئامېرىكىغا قارشى بەش يىللىق ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بۇ ھەقتە: «خىتاي بىلەن رۇسىيە ئۇزۇن يىل ئىستراتېگىيەلىك شېرىك بولۇپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا جۇغراپىيەلىك سىياسىي داۋالغۇش كۈچەيدى. يوشۇرۇن توقۇنۇش خەۋپى داۋاملىق كۆپەيمەكتە. ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايدا ئامېرىكا ئارمىيەسى «يەرشارى گۈلدۈرمامىسى» ناملىق ئىستراتېگىيەلىك كۈچ مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن جەرياندا رايونغا 10 ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەۋەتكەن ھەمدە مانېۋىردا بىرلا ۋاقىتتا شەرق ۋە شىمال تەرەپتىن رۇسىيەگە يادرو قوراللىرى تەقلىدى ھۇجۇم قىلغان.

مانىۋېر جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ رايونغا ئەڭ يېقىن بومباردىمانچى ئايروپىلانى رۇسىيە چېگراسىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتا ھەرىكەت قىلغان.

شويگۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقى يەرشارى ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرغۇچى ئامىلغا ئايلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

تور يىغىنىدا سۆز قىلغان خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ۋە ھەربىي تەھدىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەسۋىرلىگەنلىكىنى ماختىغان. ۋېي فېڭخې بىلەن شويگۇ ئىككى تەرەپ ھەربىي ئايروپىلان ۋە ئۇرۇش پاراخوتىغا چېتىشلىق بىر قاتار ھەربىي مانېۋىرلار ۋە ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى «2021-2025 ھەربىي ھەمكارلىق پىلانى» نى ئىمزالىغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 8-ئايدا، شويگۇ خىتايغا بېرىپ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقان. بۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتايدا ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىشى ئىكەن. ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك سەۋەبىدىن، شى جىنپىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن رۇسىيەگە يېقىنلاشقان ۋە رۇسىيەنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا تەرەپتىن كېلىۋاتقان بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئويلىغان.

بۇ خەۋەر 506 قېتىم كۆرۈلدى
26/11/2021 12:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق