ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىققا قارشى يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى

ئىستانبۇلنىڭ يېنى بوسنا رايونى گۆنەن مېھمانخانىسىدا 25-نويابىر كۈنى ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىققا قارشى «قۇتقۇزۇڭلار!» تېمىسىدا مەخسۇس يىغىن ئېچىلدى.

پائالىيەتنى «ھەۋۋا تەشكىلاتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە خەلقئارا ئاياللار مەسىلىلىرى جەمئىيەتلىرى، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى ۋە باشقا ئاخبارات ئورۇنلىرى بىرلىكتە تەشكىللىدى.

يىغىندا، ئۇيغۇر قىزى ئائىشە ئەزىزى ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا ئىجرا قىلىۋاتقان زوراۋانلىق، دىنسىزلاشتۇرۇش، مەجبۇرى تۇغماس قىلىش، ئانىلارنى پەرزەنتلىرىدىن ئايرىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى.

 ئۇ سۆزىدە، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخىدىن باشلاپ، يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇش پىلانى دائىرىسىدە ئىجرا قىلىۋاتقان لاگېرغا سولاپ قىرغىن قىلىش، ئاياللارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى سۈرگۈن قىلىش، مۇسۇلمان ئاياللارنى خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش، تۇغۇلمىغان بالىلارنى مەجبۇرى چۈشۈرۈۋېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى تونۇشتۇرغان. ئاخىرىدا بۇ يىل ب د ت دا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتايغا قارشى قارار ئېلىنغانلىقىنى، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 46 دۆلەتنىڭ خىتايغا قارشى ئاۋاز بەرگەنلىكىنى، ئەمما كۆپ ساندىكى ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاينى قوللىغانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامىي قېرىنداشلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلام ئەللىرىنىڭ بۇ ھالىتىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ خەۋەر 711 قېتىم كۆرۈلدى
26/11/2021 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق