كونگو ئارمىيەسى: ئىككى خىتاي پۇقراسى ئۆلتۈرۈلۈپ نۇرغۇن خىتاي تۇتقۇن قىلىندى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى كان رايونىدىكى ھۇجۇمدا ئىككى خىتاي پۇقراسى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بىر قانچە خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 25-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، قوراللىق تەشكىلات «CODECO» نىڭ كونگونىڭ شەرقىدىكى بىر كان رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئىككى خىتاي پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈپ يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەرلىك پۇقرالار جەمئىيىتى رەھبىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قوراللىق تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىككى خىتاي ئۆلگەن، سەككىز خىتاي پۇقراسى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. بۇ مەسىلىدە يەرلىك كىشىلەر بۇ رايوندا پائالىيەت قىلىۋاتقان قوراللىق تەشكىلات «CODECO» نى ئەيىبلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسى كونگو «DRC» نىڭ ئىتۇرى ئۆلكىسى «Djugu» رايونىدا يۈز بەرگەن. خىتاي شىركىتى بۇ رايوندا غەيرى رەسمىي ئالتۇن كانى ئاچقان بولۇپ، ئىتۇرى ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى لېيتېنانت جۇلېس نگونگو بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز «CODECO» قوراللىقلىرىنىڭ بىزنىڭ دجۇگۇ رايونىدىكى بىر گازارمىمىزغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردۇق. ئۇلار يەنە خىتاي شىركەتلىرى كان ئاچقان رايونغا ھۇجۇم قىلىپ ئىككى كىشىنى ئۆلتۈردى، قالغان نۇرغۇن كىشىنى تۇتقۇن قىلدى» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھازىرغىچە «CODECO» قوراللىق گۇرۇپپىسى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ كونگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىمۇ بۇ توغرىلىق ھېچقانداق سۆز قىلمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 24-نويابىردىكى ھۇجۇم كونگونىڭ شەرقىدىكى كان ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە قىلىنغان ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم بولۇپ، كونگو «DRC» دائىرىلىرى 21-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، قوراللىق كىشىلەرنىڭ جەنۇبىي كىۋۇدىكى بىر كان رايونىغا يېقىن جايدا بىر ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ بەش خىتاينى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 834 قېتىم كۆرۈلدى
26/11/2021 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق