خىتايپەرەس «ئايدىنلىق گېزىتى» تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيەدە ھەر دائىم خىتاينىڭ تەرەپتارلىقىنى قىلىۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى قىلىۋاتقان ياكى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۆز قىلغان سىياسەتچىلەرنى قارىلاپ، تۆھمەت قىلىشتا ئەڭ ئاكتىپ بولغان «ئايدىنلىق گېزىتى» مەھكىمىنىڭ قارارى بىلەن تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر بولدى.

ئەنقا خەۋەر تورىنىڭ 26 – نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئامېرىكا ۋەكىلى يۇرتەر ئۆزجان «ئايدىنلىق گېزىتى» نىڭ  ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەققىدە دوكلات تەييارلىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۆزجاننى ئەيىبلىگەن ھالدا «مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قورچاقلىرى بىلەن بۆلگۈنچىلىك ۋەزىپىسى» ماۋزۇسىدا خەۋەر ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ «ئايدىنلىق گېزىتى» ئۈستىدىن ئەرز سۇنغانلىقىنى ۋە ئەنقەرە 39-جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ ئېچىلغان سوت نەتىجىسىدە «ئايدىنىلىق گېزىتى» نىڭ 5 مىڭ لىرا مەنىۋى تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزجان بۇ قارارنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىدى ۋە قىسقا ئۇچۇر يېزىپ: «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى» ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىم ۋە يازغان دوكلاتىم سەۋەبىدىن ماڭا تۆھمەت چاپلىغان «ئايدىنلىق گېزىتى» ئۈستىدىن سۇنغان دەۋارىمدا ئۇتۇپ چىقتىم. مەن باشقا تۆلەملەرگە ئوخشاشلا بۇ بەش مىڭ لىرانىمۇ يۇرتۇم سىۋاستىكى يۇرتەر ئۆزجان ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئىئانە قىلىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ئۆزجان ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللاردا 27 مىڭ 500 لىرا تۆلەمگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قېتىمقى 5000 لىرا بىلەن جەمئىي 32 مىڭ 500 لىرا پۇل بىلەن يۇرتەر ئۆزجان ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ خەۋەر 720 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2021 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق