ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى پارتىيە ھالقىغان ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ پارتىيە ھالقىغان ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتروس ئاگېنتلىقىنىڭ 26-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ پارتىيە ھالقىغان ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلغان. خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا تەرەپنى خىتاي -ئامېرىكا بىرلەشمە باياناتى ۋە بىر خىتاي پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋىن جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە توختىلىپ، كەلگۈسىدە تەيۋەننىڭ ئامېرىكا بىلەن رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا، كېلەر يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، تەيۋەننىڭ دەم ئېلىش مۇلازىمەتلىرىنى ۋاشىنگتونغا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ خىزمەت پىشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ساغلاملىق سۇغۇرتىسى، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈتۈنۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى تېخىمۇ كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارك تاكانونىڭ ئېيتىشىچە، پارتىيە ھالقىغان ۋەكىللەر ئۆمىكى ياپونىيەدىن باشلاپ جەنۇبى كورىيە ۋە تەيۋەنگىچە زىيارەت ئۆمىكى تەشكىللىگەن. ئۆمەكنىڭ بۇ قېتىمقى تەيۋەن زىيارىتى ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش مەسىلىسىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيگەنلىكىنىڭ بىر نامايەندىسى ئىكەن.

بۇ خەۋەر 656 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2021 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق