خىتاي كارخانىلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۈندىدار ئىشلىتىشىنى چەكلىدى

خىتايدىكى بىر قىسىم دۆلەت كارخانىلىرى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۈندىدار ئەپلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كارخانىلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۈندىدار ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، قۇرۇلۇش بانكىسى ۋە خىتاي نېفىتلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە توققۇز دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا باشقۇرغۇچىلىرى بۇ ھەپتە بارلىق خىزمەتچىلىرىگە ئۈندىداردا قۇرۇلغان خىزمەت ھەققىدە پاراڭلىشىش توپلىرىدا سەزگۈر ئۇچۇرلارنىڭ بارلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك مەزكۇر توپلارنى تاقاش ۋە ئۆچۈرۈش كېرەكلىكىنى، ئۈندىدار ئىشلەتكەندە خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئېھتىيات قىلىش كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان.

تېڭشۈن شىركىتىنىڭ بىر پارچە باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، دۇنيادىكى نۇرغۇن شىركەتلەر ئالاقە يۇمشاق دېتالىنىڭ كارخانا نۇسخىسىنى ئىشلىتىشكە يۈزلەنگەن. تېڭشۈن شىركىتى ئىشخانا ھەمكارلىقىدا قوللىنىشچان ئۈندىدار نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى ئويلاشقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، دۆلەت كارخانىلىرى ئۈندىداردىن تەدرىجىي ھالدا باشقا قوللىنىشچان پىروگراممىلارغا يۆتكىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەلى بابانىڭ كارخانا ئالاقە سۇپىسى «دىڭدىڭ» ۋە كارخانا ئۈندىدار نۇسخىسى ئىكەن.

"ۋال كوچىسى گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەرىكەت خىتاي تېڭشۈن ۋە تېڭشۈننىڭ سانلىق مەلۇمات توپلاش ئادىتى قاتارلىق ئىنتېرنېت كاتتىباشلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى بۇ ھەپتە ئەپ دۇكانلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، تېڭشۈننىڭ ھازىر بار بولغان ئەپلەرنى يېڭىلاش ياكى ھەر قانداق يېڭى پىروگراممىلارنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشى ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە، خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى تېخنىكا ماگناتلىرىغا قارشى بىر يۈرۈش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىغان بولۇپ، تېڭشۈن مەركىزىي نۇقتىغا ئايلانغان. تېڭشۈن دىرېكتورى ليۇ جىپىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتى نورمال ئىش بولۇپ، بۇ خىل جىددىي ھالەت داۋام قىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 830 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2021 16:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق