لىتۋانىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى: بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىمىز

لىتۋانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىتۋانىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى ژۇرگىتا سىئوگزدانى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 25-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىتۋانىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئارقىدىن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر لىتۋانىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قارىتىلغان ھەر قانداق تەھدىت ۋە بۇزغۇچىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان بولىدۇ. ياۋروپادىكى شېرىكلەر بىردەك لىتۋانىيەنى قوللايمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باشقىلارنىڭ ئەخلاقسىز ھەرىكىتى ياكى مەجبۇرلاش قىلمىشىغا قارشى تەدبىرلىرىمىزنى كۈچەيتىمىز ھەمدە زەربە بېرىمىز» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تىلغا ئالغان زەربە بېرىش تەدبىرلىرى نۆۋەتتە ياۋروپا كومىسسىيەسى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان «مەجبۇرلاشقا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى» بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنى مەجبۇرلاش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئەدلىيە قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىش ئىكەن.

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى يەنە، لىتۋانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 15 مىنۇتلۇق دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، لىتۋانىيەنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى ژۇرگىتا سىئوگزدانىنىڭ كېلەر يىلى 2-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ژۇرگىتا سىئوگزدانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر لىتۋانىيەنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرىمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى ئويلاشمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى  ئىمگىمانتاس پاۋىلىيۇنىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 17 لىتۋانىيە پارلامېنت ئەزاسى ئالدىنقى ھەپتە لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، بارلىق سىياسىي ئەربابلىرى ھەمدە لىتۋانىيە ئولىمپىك كومىتېتىغا بىرلەشمە مەكتۈپ ئەۋەتىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتمەي كوللېكتىپ بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1067 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2021 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق