بىنالى يىلدىرىمنىڭ سۆزلىرى غۇلغۇلا قوزغىدى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئىزمىر مىللەت ۋەكىلى سابىق باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىزمىز كاتىپ چەلەبى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە موڭغۇلىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە قۇرغان تۈركولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ «تۈركىيە، تۈرك دۆلەتلىرى ۋە قېرىنداش جەمئىيەتلەر» تېمىسىدىكى يىغىندا قىلغان سۆزلىرى غۇلغۇلا قوزغىدى.

«مىللىي گېزىتى» نىڭ 26 – نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يىلدىرىم يىغىندا "تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى" ھەققىدە قىلغان سۆزىدە: «رۇسىيە بىلەن خىتايمۇ بۇ توپنىڭ تەبىئىي ئەزالىرى» دېدى.

 بالقان دۆلەتلىرىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ تەبىئىي ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان يىلدىرىم:

«ناخچىۋان كېلىشىمى بىلەن 2009-يىلى تۈرك كېڭىشى قۇرۇلدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ 7 ئەزاسى بار. ۋېنگىرىيە ۋە تۈركمەنىستان كۈزەتكۈچى ئەزا، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان مەڭگۈلۈك ئەزا بولۇش يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ سان كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا كۆپىيىدۇ، قانداق كۆپىيىدۇ؟ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر، يەنى ئوخشاش يىلتىزدىن ياكى تۈركلەر ياشايدىغان تىللاردا سۆزلەيدىغان دۆلەتلەرمۇ بۇ جەمئىيەتنىڭ تەبىئىي ئەزالىرى. موڭغۇلىيەمۇ شۇلارنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇلغارىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، سېربىيە، ئالبانىيە ۋە ماكېدونىيە، بولۇپمۇ بالقان جۇغراپىيەسىدىكى ۋېنگىرىيە، بالقان دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ تەشكىلاتنىڭ تەبىئىي ئەزالىرى بولۇپ، كەلگۈسىدە بۇ تەشكىلاتقا كىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇ توپنىڭ تەبىئىي ئەزالىرى سۈپىتىدىدۇر. بۇ كەڭ جۇغراپىيەدە ئىنتايىن چوڭ مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز بار. بىز بۇنى بىلىمىز ۋە ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «بەزىلەر تۈركلەر كونا ئارزۇلىرىنى خىيال قىلىۋاتامدۇ؟» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشىۋاتىدۇ. ئىشنىڭ ئەسلى شۇ، ئالدىمىزدا ئاساسلىق تەشكىلات سۈپىتىدە ب د ت بار، ئۇنىڭ ئاستىدا كىچىك رايونلۇق، تەشكىلات ۋە ھەمكارلىقلار بار. بۇ يەردە ئەرەب بىرلەشمىسى، ئافرىقا بىرلەشمىسى، كارىب دېڭىزى دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى، جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىقلار بار. "تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى" مۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر تەشكىلات. ئۇنىڭ مەقسىتى رايون ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رايوندا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ پاراۋانلىقىنى ئاشۇرۇش، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەڭگۈلۈك قىلىش، تەرەققىيات، قاتناش، ئالاقە، ئىقتىساد، ئىمپورت-ئېكىسپورت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقلەرنى تۈگىتىش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرنى ئورتاق كەلگۈسى ئۈچۈن بىرلەشتۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئاخباراتلاردا بىنالى يىلدىرىمنىڭ بولۇپمۇ رۇسىيە ۋە خىتاي ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى مىللەتچى ئېقىمدىكى كىشىلەر، رۇسىيە بىلەن خىتاينى تۈرك دۆلەتلىرى كېڭىشىگە ئەزا قىلىشنىڭ تارىخى خاتالىق بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تارىختىن بۇيان تۈركلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى ۋە نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىمۇ ھەممىگە ئايان ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنى ئاجىزلىتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1323 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2021 16:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق