ياپونىيە باش ۋەزىرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يەنە سۆز قىلدى

ئانادولو ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن بەرگەن بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،  ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۈچلۈك دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

كىشىدا كامبودژا ساھىبخانلىق قىلغان ۋە تەخمىنەن 50 دۆلەت ۋە رايوننىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا (ASEM) سىنلىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ: "رايوندىكى جۇغراپىيىلىك سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كىشىدا يەنە، ياپونىيەنىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزى ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە قارىتا «بىر تەرەپلىمە ھالدا رايون ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىغا» قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 900 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2021 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق