خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداۋاتقانلىقى ھەققىدە جار سالدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دائىرىلىرى ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچىدە غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى باستۇرۇش جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 26-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ئەمەلدارلىرى مەزكۇر يىغىندا قاتناشقۇچىلارغا سەككىز پارچە سىن كۆرسەتكەن بولۇپ، سىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار كەسىپ ئەھلىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىدەك يالغان-ياۋىداقلار بايان قىلىنغان.

يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان قورچاق ئەمەلدار غەيرەت شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى بۇرمىلاپ تونۇشتۇرغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرى، قىرغىزلارنىڭ «ماناس» داستانى قاتارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بىر نەچچە قېتىم نەشر قىلغانلىقىنى، مەشرەپ قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى قوغداپ كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلغان ۋە: «غەرب ئەللىرى شىنجاڭ مەسىلىسىدە بىزگە بوھتان چاپلىدى، پاكىتقا زىت سەپسەتە تارقاتتى» دەپ بىلجىرلىغان.

يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى باستۇرۇشتەك تېررور سىياسىتى ھەققىدە بىر قىسىم دوكلاتلار تەييارلىنىپ، خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاپ كەلمەكتە. ئالدىنقى يىللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى خىتاي تىلىدا ئورۇنلاتقۇزۇشى، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئوپالدىكى ھەيكىلىنىڭ چېقىۋېتىلىشى، بىر قىسىم خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ يېگانە ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى ھەققىدە ماقالە يېزىشى قاتارلىق قىلمىشلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى ۋە ئىزنالىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش، كۆزدىن يوقىتىشتەك رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋە ئالاقىدار كىتاب-ماتېرىياللارنى چەكلەپ مۇسادىرە قىلغانلىقىنى، ھەتتا مۇشۇ سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىگە سولىغانلىقىنى، نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاشكارا ھەقىقەتكە ئايلانغان جىنايى قىلمىشلىرىغا تېنىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1068 قېتىم كۆرۈلدى
29/11/2021 11:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق