خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يېڭى نۇسخىسى خەلقئارا جەمئىيەتنى ساراسىمىگە سالماقتا

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگەرگەن نۇسخىسى ئومىكروننىڭ (Omicron) كەڭ تارقىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنى ساراسىمىگە سېلىشقا باشلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە، دانىيە، فىرانسىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئومىكرون نۇسخىسى بايقالغان. بۇ دۆلەتلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارالىق ساياھەت پىلانىنى قايتىدىن ئويلىشىشقا مەجبۇر بولغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ۋىرۇسنىڭ ئۆزگەرگەن نۇسخىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىنلا ھەرقايسى دۆلەتلەر يېڭى چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللانغانلىقتىن، پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئومىكروننىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ باشقا نۇسخىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقى ئېنىقلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنى بېكىتىشكە بىر نەچچە ھەپتە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سىكوت مورىسون ئاۋسترالىيەنىڭ 1-دېكابىردىن باشلاپ تېخنىك سالاھىيەتلىك كۆچمەنلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئېچىۋېتىش پىلانىنى قايتىدىن ئويلىشىدىغانلىقىنى، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئىككى ھەپتىلىك مەجبۇرىي ئايرىپ كۆزىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ھازىرچە بەك بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇندىن باشقا ھىندونېزىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغىچە بولغان نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، جەنۇبى ئافرىقىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ساياھەت چەكلىمىسى قويغان.

سىنگاپور سەھىيە مىنىستىرلىكى سىنگاپورنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردىكى ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەرگە ساياھەت رۇخسىتى بېرىش پىلانىنىڭ باشلىنىشىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى، بۇ دۆلەتلەر ئاپەتكە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ قاتناش تۈگۈنى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەنگلىيە بۇ دۈشەنبە يەتتە دۆلەت گۇرۇھى سەھىيە مىنىستىرلىرى بىلەن جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئەڭ يېڭى ئەھۋالنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، دۆلەتلىك سەزگۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى دوكتور فاۋچى ئومىكرون نۇسخىسىنىڭ تارقىلىشچانلىقى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە قوللىنىۋاتقان ۋاكسىنىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كېسىلى ئېغىر بىمارلارنى بەلگىلىك دەرىجىدە قوغدىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 595 قېتىم كۆرۈلدى
29/11/2021 13:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق