يۈسۈپجان ئەمەت ئۈچۈن ياردەم چاقىرىقى ئېلان قىلىندى

شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى ئالدىنقى يىلى قەستكە ئۇچراش سەۋەبلىك پالەچ بولۇپ قالغان يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ياردەم چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ ئەھۋالى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خېلى ياخشىلانغان بولۇپ، دەسلەپتىكى نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ياردىمىدە نەپەسلىنىدىغان ھالەتتىن، ئۆزى نەپەسلىنەلەيدىغان ھالەتكە كەلگەن. بىر يىل فىزىكىلىق داۋالاش نەتىجىسىدە، بويۇن قىسمىنىلا ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ھالەتتىن، مۈرىسى بىلەن بىلىكىنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدىغان ھالەتكە كەلگەن. يۈسۈپجاننىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن، فىزىكىلىق داۋالاشتىن باشقا، سىرتتىن دوختۇر تەكلىپ قىلىپ قىلىنغان. بىر يىل جەريانىدا دوختۇرلار تەلەپ قىلغان تېببىي ئۈسكۈنە، دورا، يېمەك-ئىچمەك، تازىلىق بۇيۇملىرى ۋە باققۇچى چىقىمى ئۈچۈن جەمئىي 165 مىڭ لىرا چىقىم قىلىنغان.

ياردەم چاقىرىقىنىڭ ئاخىرىدا يۈسۈپجاننىڭ تەلىپى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى داۋالىنىش چىقىملىرى ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھاجىرلاردىن 200 مىڭ لىرا ياردەم تەلەپ قىلىندى.

يۈسۈپجاننىڭ قەستكە ئۇچراش ۋەقەسى 2020-يىلى 2-نويابىر كەچ ۋاقتى 10:30 ئەتراپىدا ئىستانبۇلنىڭ ئاۋجىلار رايونىدىكى دېنىزكۆشلەر مەھەللىسى ياكاموز كوچىسىدا يۈز بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىنغان يۈسۈپجان دوستىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە، كەينىدىن تۇيۇقسىز كەلگەن نامەلۇم بىر كىشى تاپانچا بىلەن ئىككى پاي ئوق ئاتقان. يۈسۈپجان قوراللىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، ھۇجۇم قىلغۇچى قېچىپ كەتكەن. ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇندىن بۇرۇنمۇ بىر نەچچە قېتىم نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىكەن.

بۇ خەۋەر 2056 قېتىم كۆرۈلدى
29/11/2021 14:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق